قوزىمىز-ئۈمىدىمىز-خۇشاللىقىمىز

رەڭسىز سۈرەت ۋە رەڭدار ئۈمىد

بۈگۈن تۇنجى قېتىم سېنى كۆردۇق. بۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ رەڭدار ئاشىق سەۋەپ بولدى. ئاشىق قانداقسىگە رەڭدار بولسۇن دەپ ھەيران قېلىۋاتىسەن ھەقاچان. ئاشىق سەن قانداق ئويلىساڭ شۇنداقتۇر: رەڭسىز ئويلىساڭ، ئاق بىلەن قارا رەڭ گېرەلىشىپ كەتكەن بىر شەكىل كۆز ئوڭۇڭدا زاھىر بولىدۇ؛ رەڭدار ئويلىساڭ، دۇنيادىكى بارلىق رەڭلەرنىڭ قوچاقلىشىپ تۇرغان بىر تىز سىزمىسى خىيالىڭدىن كېچىدۇ… ئەمما ئاشىقنى قايسى خىل شەكىلدە ئويلىغىن، ئاشىق ھەققىدە ئۆزگەرمەيدىغان بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاشىقلىقىدۇر. ئاشىقنىڭ رەڭگى سۇلغۇن ئىدى بۈگۈن. دوختۇرخانىغا كەتتۇق. ھەيران قالما، ئاشىقنىڭ ھەم جىسمى بولىدۇ، ھەم روھى بولىدۇ. جىسمى ھەر دائىم بىئارام بولۇشى مۇمكىن، راھەتسىزلىك ھىس قىلغىنىدا دوختۇرغا، تىۋىپقا ئېلىپ بارماق لازىم. ئەمما، روھى جان […]

يوقلۇق

يوقلۇق ئاجايىپ بىر نەرسە. بەزىدە ئادەمنى شۇنچىلىك خوش قىلىدۇكى، ئادەم ھەممە نەرسىگە ۋاقىرىغۇسى كېلىدۇ: تاغلارغا قاراپ، ئاخىرى يوق بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلدۇق، دەپ توۋلىغۇسى، سۇلارغا قاراپ ،نىمانچە گۈزەل دۇنيا بۇ، دېگىنىچە چىقىرغۇسى كېلىدۇ؛ بەزىدە ئىنساننى شۇنچىلىك ئازاپلايدۇكى، ياشاشنىڭ ھېچبىر لەززىتى ۋە مەنىسى قالمىغىنىدەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ: ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، ئۆزىنى كاچاتلايدۇ، كىملەرنىدۇ تىللىغۇسى-كۈچى يەتسە يوقلۇققا سەۋەپ بولغان ئاشۇ رەزىل ئادەملەرنى، پەس نەرسىلەرنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ چەيلىگۈسى، شۇ ئارقىلىق يوقلۇقنىڭ ئازابىنى چىقارماقچى بولىدۇ، ۋە ھەتتا ئاشۇ يوقلۇق بىلەن بىرگە مەنمۇ يوق بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىشىدۇ.

قۇرىغان توغراق

ئەنە، چوقچىيىپ تۇرىدۇ قۇملار دۆۋىسىدە، ئادەم سۆڭىكى. ئىدى ئۇ ئىنساننىڭ سۆڭەك-يىلىكى قوغداپ كەلگەن ئۆلۈمدىن ئۇنى. لېكىن ئىنسان كېسىۋەتتى، قۇرۇتتى ئۇنى. ئەنە، قۇپقۇرۇق سۆڭەك خۇددى بىر قاقشال تەكلىماكاندىكى. ئازغۇن شاماللار توختىماي يالماپ قالدۇرۇپ قويغان ئۇستۇخۇنىنى… يەتمىدى يەنە. ئوتۇنچى بوۋاي تېرىۋېلىپ جاڭگالدىن ئۇنى ئوت قالىدى، سورىۋەتتى كۈلىنى، ئۇنى… شۇندىلا ئوتمۇ ئۆچتى بىر بۇران بىلەن ئىنسان كۆمۈلدى قۇمنىڭ ئاستىغا…  

مەس ئادەم ۋە ئالدىراڭغۇ رىئاللىق

ھاراقلا ئادەمنى مەست قىلمايدۇ. بەزىدە ئادەمنى گۈزەل مەنزىرىلەر، ئۇستىلىق بىلەن يېزىلغان بىر پارچە شىئىر ياكى بىر پارچە رەسىم، ۋە ھەتتا گۈزەل بىر سەتەڭ ياكى كېلىشكەن بىر يىگىتمۇ ئادەمنى مەس قىلىپ قويۇشلىرى بار. ئادەمنى شاراپلا مەست قىلمايدۇ. بەزىدە بىرىگە ياكى بىر شەيئىگە ئاجايىپ ئامراق بولىسەن-دە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ ئۇنىڭغىلا ئىنتىلىدۇ، ئۇنىلا ئىستەيسەن، كۆزۈڭ ئۇنىڭدىن باشقىسىغا كور، قۇلىقىڭ ئۇنىڭ سۆزىدىن باشقىسىغا پاڭ، پۇتۇڭ ئۇنىڭ يولىدىن باشقا يولغا كەلگەندە ھارغىن ياكى توكۇر بولىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەست بولغىنى جىسمىڭ ئەمەس روھىڭدۇر بۇ ۋاقىتتا. بەدىنىڭ مەست بولسا بىر دەمدىن كېيىن يېشىلگىنى بىلەن، روھىڭ، كۆڭلۈڭ مەست بولدىمۇ، بەزىدە بىر ئۆمۈر مەستلىكتە يۈرىشىڭ مۇمكىن. بۇ مەستلىكتىن يېشىلىشىنىڭ بىر يولى […]

ئۈچ تەرجىمە-ئۈچ مەنا

شاتۇت ۋە قاغا بىر كۈنى قەپەزدىكى خاتىرجەم شاتۇت بىر قاغىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكگە ھەۋەس قىلىپ كېتىپتۇ. قاغا بولسا شاتۇتنىڭ بەھۇزۇر تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مەسلەھەتلىشىپ ئورنى ئالماشتۇرماقچى بولىشىپتۇ. قاغا قەپەزگە كىرگەندىن كېيىن خۇجايننىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئىرىشەلمەي، ئەڭ ئاخىرىدا  زىرىكىپ چۈشكۈنلۈكتە ئۆلۈپتۇ؛ ئۇزاق مەزگىل بەھۇزۇر ياشاپ كەلگەن شاتۇت بولسا سىرتتا مۇستەققىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەي، ئاخىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپتۇ.  ئۆزىڭىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇڭكى، باشقىلارنىڭ بەختىگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ، بەلكىم ئۇنىڭ بەخىت سىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.   يوقىتىش ۋە ئېرىشىش بىر كۈنى مۇئەللىم بالىلاردىن مۇنداق بىر سۇئال سوراپتۇ :“ بىر ئادەم سۇ قايناتماقچى بولۇپ ئوت يېقىپتۇ. يېرىم سائەتتىن كېيى قارىسا ئوتۇن يىتەرلىك […]

شەخس ۋە كوللىكتىپ

شەخس ۋە كوللىكتىپ بىر كۈنى مۇئەللىم شاگىرتىدىن سوراپتۇ : “ بىر تامچە سۇ قانداق ئەھۋالدا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالايدۇ ؟“ شاگىرت گەپ قىلماي تۇرۇپ قاپتۇ. مۇئەللىم ئېيتىپتۇ: “ بىر تامچە سۇ ، شامال ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ، تۇپراق ئۇنى سۈمىرىپ يوق قىلىدۇ، قۇياش ئۇنى پارغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.  ئەگەر  مەۋجۇت بولۇپ تۇرسۇن  دېسەك، ئۇنى دېڭىزغا قويىشىمىز كېرەك.“ بىر ئادەم ئۆزىگىلا تايىنىپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس. غەلبە قازىناي دەيدىكەنسىز،  چۇقۇم باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. بۇ دەل بىز ھەمىشە دەيدىغان شەخس مەيلى قانچىلىك كۈچىيىپ كەتسۇن، ئۇ ھامان بىر ئۇيۇل تەشكىلاتقا يەتمەيدۇ، دېگەن گەپنىڭ ئۆزىدۇر.   شاتۇت ۋە قاغا بىر كۈنى […]